ئۈندىدار ئەپچىسىدە ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش

ئۈندىدار ئەپچىسى ئېچىشتا بەزى مۇھىم تۈرلەردە ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. مەسىلەن سودا-سېتىق، ئىجدىمائىي ئالاقە، ھەقلىق مەزمۇن تۈرىدىكى ئەپچىلەردە ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش ئارقىلىق، تېلېفۇن نومۇرنى ئابونتنىڭ بىردىنبىر سالاھىيىتى قىلىپ بەلگىلەش قاتارلىق ئەھۋاللار.

سالاھىيەت

تېلېفۇن نومۇر ئابونتنىڭ مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرى بولغاچ، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئۈندىدار ئەپچىسىدە ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش ئېغىزىنى بەلگىلىك شەرت ھازىرلىغان ئەپچە ھېساباتلىرىغا ئېچىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ئېغىز دۆلىتىمىزدىكى يەككە سودا-سانائەت كېنىشكىسى ۋە شىركەت رەسمىيىتى بىلەن دەلىللەنگەن ئەپچە ھېساباتلىرىغا ئېچىۋىتىلگەن. بۇ ئېغىز ئارقىلىق ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش باسقۇچىدا ئابونتنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك شەخىسي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە بولىدۇ. ناۋادا ئابونتلار « ئەپچە قالايمىقان ئىشلار ئۈچۈن تېلېفۇن نومۇرغا ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلدى » دەپ پاش قىلسا، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ئەپچە ھېساباتىنىڭ بۇ ئېغىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇددەتلىك ياكى مەڭگۈلۈك توختىشىش ئېھتىماللىقى بار.

يول قاياقتا؟

ھازىر ئاساسلىق ئۈندىدار ئەپچىسى ئېچىش مىتودلىرىن ئىككى تۈر بار. بىرى ئەنئەنىۋىي مىتود (传统模式)، يەنى بىرى ئۈندىدار بۇلۇت سۇپىسى مۇھىتىدا (云开发模式) ئەپچە ئېچىش. شۇڭا ئۈندىدار ئەپچىسىدە ئابونتنڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كونكىرت قەدەم باسقۇچىلىرىمۇ ئىككى تۈرلۈك.

ئۈندىدار ئەپچىسى ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدا ئەنئەنىۋىي مىتود مۇھىتىدا ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش مەشخۇلاتىنىڭ تەپسىلىي قوللانمىسى بېرىلگەن. دۆلىتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك تېخنىكا تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە يازمىلارمۇ توشاق. ئەمما بۇ خىل مىتودتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق، باسقۇچىلار كۆپ. بۇ يازمىدا 云开发 مۇھىتىدا ئىنتاين قولاي، ئاسان ئۇسۇلدا ئابونتنىڭ تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىشنى ئورتاقلىشىمىز.

 ھوقۇققا ئېرىشىش

ئابونتنىڭ شەخىسي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھوقۇم ئابونت بىزگە ھوقۇق بېرىشى كىرەك. مەيلى قايسى خىل مىتودتا بولسۇن، بۇ مەشخۇلات ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا button خەتكۈچىنڭ open-type خاسلىق قىممىتى getPhoneNumber ئارقىلىق ئابونتنىڭ ھوقۇق ئىلتىماس قىلىمىز.

<button open-type="getPhoneNumber" bindgetphonenumber="handlePhoneNumber">获取手机号</button>

يۇقارقى كودتىكى bindgetphonenumber خاسلىقى بولسا ئابونتنىڭ مەشخۇلات نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك لوگىكىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان فۇنكىسىيەنى كۆرسىتىدۇ. بۇ فۇنكىسىيە ئىسىمىنى خالىغانچە قويساق بولىدۇ. بۇ يازمىدا بۇ فۇنكىسىيەنىڭ نامىغا handlePhoneNumber دەپ ئىسىم قويدۇق.

ئابونىتلار تېلېفۇندا ئۈندىدار ئەپچىسىدە ھوقۇق ئىلتىماس قىلىش كۇنۇپكىسىنى چەككەندە يۇقارقىدەك ھوقۇق ئىلتىماس قىلىش دىئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ. ئىشلەتكۈچى ھوقۇق بېرىشكە قوشۇلسۇن ياكى رەت قىلسۇن، handlePhoneNumber فۇنكىسىيەسى نەتىجىنى قوبۇل قىلالايدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.

handlePhoneNumber(e) {
    console.log(e);
    //判断用户是否授权
    if (e.detail.errMsg !== "getPhoneNumber:ok") return;
}

بۇ يەردە ئابونىتنىڭ ھوقۇق بېرىشكە قوشۇلغانلىقى ياكى قوشۇلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈردۇر.

 مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرنى ئۇزۇتۇش

بىز 云开发 مۇھىتى ئىشلەتكەن بولغاچ، تېلېفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش لوگكىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئەپچە تۈر مۇندەرىجىسىدىكى cloudfunctions ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە يېڭىدىن بىر 云函数 قۇرايلى. ئىسىمنى خالىغانچە قويۇشقا بولىدۇ، بۇ يازمىدا بۇ 云函数 ئىسمىنى openapi دەپ قويدۇق.

ئاندىن بايامقى handlePhoneNumber فۇنكىسىيىنى كىڭەيتىپ 云函数 ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرنى 云开发 مۇھىتىغا ئۇزۇتۇپ بېرىمىز. بۇ ۋاقىتتىكى كود تۆۋەندىكىدەك.

handlePhoneNumber(e) {
    console.log(e);
    //判断用户是否授权
    if (e.detail.errMsg !== "getPhoneNumber:ok") return;
    //调用云函数
    wx.cloud.callFunction({
      name: 'openapi',
      data: {
        action: 'getPhoneNumber',
        //在这里通过wx.cloud.CloudID云函数把敏感数据转值。
        //如果直接id:e.detail.cloudID赋值,只能得到cloudId的值
        id: wx.cloud.CloudID(e.detail.cloudID)
      }
    }).then( res => {
      console.log('phoneNumber: ', res)
    })
}

بۇ يەردە بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى wx.cloud.callFunction فۇنكىسىيەنىڭ پاراممېرلىرىدىن id ئەزاسىنىڭ قىممەت ئېلىش مەسىلىسى.

يەنى e.detail.cloudID ئارقىلىق ئېرىشكەن قىممەتنى wx.cloud.CloudID ئارقىلىق ئۇزىتىمىز. مۇناسىۋەتلىك ئىزاھلار كود ئۈستىگە يېزىپ قويۇلدى، قالغىننى كونكىرت سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

 بۇلۇت فۇنكىسىيەدە ئۇچۇرنى يېشىش

云开发 مۇھىتىدا ئورگان تەرەپ تەبىيلا ھوقۇق تەھقىقلەيدىغان بولغاچ، پەقەت ئابونت ھوقۇق بەرسىلا، ئابونتنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرلىرىغا بىۋاستە ئېرىشىشكە بولىدۇ، ھىچقانداق ھېسابلاش ئىپادىسى، ئاچقۇچ كودى ئارقىلىق مەخپىي ئۇچۇرنى يېشىش ھاجەتسىز. مەسىلەن بىز قۇرۇۋالغان 云函数 دا ئۇچۇرغا ئېرىشىش كودى مۇنداق.

// 云函数入口文件
const cloud = require('wx-server-sdk')

cloud.init()

// 云函数入口函数
exports.main = async (event, context) => {
  switch (event.action) {
    case 'getPhoneNumber': {
      return handleCloudPhoneNumber(event)
    }
  }

  //加密数据中获取手机号 云开发天然鉴权,不需要获取code和session_key及解密
  async function handleCloudPhoneNumber(event){
    return event.id.data.phoneNumber;
  }
}

يۇقارقى كودقا قارىساقمۇ ئالدى بەتتىن ئەۋەتىلگەن id پاراممىتېرىنىڭ data خاسلىقىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دەل بىزگە لازىملىق تېلېفۇن نومۇرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار.

{
    "phoneNumber": "13580006666",
    "purePhoneNumber": "13580006666",
    "countryCode": "86",
    "watermark":
    {
        "appid":"APPID",
        "timestamp": TIMESTAMP
    }
}

شۇنىڭ بىلەن تېلفۇن نومۇرىغا ئېرىشىش تاماملاندى، بۇ تېلېفۇن نومۇرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي تۈر لوگىكىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ ئابونتنىڭ بىردىنبىر سالاھىيەت بەلگىسى قىلىپ ساندانغا ساقلىۋالساق بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل كۆپ سۇپىدا ئابونتنى ئورتاق ئىشلىتىش مەقسىتىگە يىتىشكىمۇ ياردەم بىرەلەيدۇ.

Stilly pami_bar Blue
3 ئەزا بۇ يازمىنى ياقتۇردى
جەمئىي 1 ئىنكاس يېزىلدى
  • Blue 1 ئاي بۇرۇن
    ئۈندىدار ئەپچىسى ھەققىدە، بولۇپمۇ 云开发 توغۇرلۇق تەپسىلىيرەك يازما ياكى سېنلىق دەرىسلىك ئىشلىسڭىز ياخشى بولاتتى. بىر زامانلاردا سۆزلىگەن دەرىسلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۆگەنگەنتۇق.
    Stilly 1 ئاي بۇرۇن
    سېنلىق دەرىس ئىشلەشكە شارائىت يار بېرىپ بولالماسلىقى مومكىن، ئەمەلىي قوللىنىشچان يازمىلارنى يوللاپ تۇرۇشقا تېرىشىمەن ☕️
جۇغلانما ئەگەشكۈچى ئەگەشكىنى
522 57 2
Follow Learnfans

Github Weibo