مەك دېتاللىرى تەۋسىيەلىرى - iRightMouse

يېڭىدىن مەك مەشخۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلار، بولۇپمۇ Windows ئىشلەتكۈچىلىرى مەك سىستېمىسىدا «قاراڭغۇ ئۆيدە مۇشىتلىشىش»تۇيغۇسىغا كىلىپ قالىدۇ.بۇ يەردىكى «قاراڭغۇ ئۆيدە مۇشىتلىشىش» ئاتالغۇسىنى ئۆزۈم يەكۈنلىۋالغان. قانداق دىگەندە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇشىتلىشىۋاتقىڭىزنى بىلىسىز، لىكىن نىشان ئېنىق ئەمەس، نەگە ئۇرۇشنى بىلمەيسىز، قالايمىقان پۇت-قولىڭىزنى شىلتىپ باقىسىز، بىرسى «ۋايجان!» دىسە ئاندىن «ھە، بىرەسىنى ئۇرۇپتىمەندە» دەپ بىلىسىز.


/uploads/image/2020/06/09/ebc238fb932aea53d1ab0c270b1b2480.jpeg

مەك مەشخۇلات سىستېمىسدا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكا ئىقتىدار تېزىملىكى تولىمۇ ئاددىي.  ۋېىندوۋىستىكى قولاي كۆنۈپ قالغان ھۆججەت كۆچۈرۈش،يۆتكەش.چاپلاش قاتارلىق مەشخۇلاتلار مەك سىستېمىسىدا سەل قولايسىز.


مەكتىكى ئوڭ كۇنۇپكا تېزىملىكىدە ھۆججەت خالىتىسى قۇرۇشتىن باشقا ھۆججەت مەشخۇلاتى ئىقتىدارى يوق دىيەرلىك. ھۆججەت قۇرۇش ئۈچۈن تېرمىنالغا بۇيرۇق يېزىشقا توغرا كىلىدۇ.پىروگراممىدىن خەۋىرى يوق كىشىلەرگە نىسبەتەن ھۆججەت قۇرۇش مەشخۇلاتى ئۈچۈنمۇ كود يېزىش قارىغۇنى تار يەردە قىستىغانلىقدەكلا ئىش.

بۈگۈن سىلەرگە يۇقارقى باش قېتىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان دېتالدىن بىرنى تونۇشتۇراي. بۇ دېتال دەل iRightMouse دۇر. iRightMouseنىڭ ئالما ئەپ بازىرىدىكى ئالقىشقا ئېرىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى. باھا كۆرسەتكۈچى 4.7نومۇر. ھەرگىزمۇ ۋارى-ۋارى ئەخلەت دېتال ئەمەس.

ئاۋۋال iRightMouse نى قاچىلايلى.

مەك سىستېمىسى ئۆزى ئىلىپ يۈرىدىغان ئەپ بازىزى App Storeغا iRightMouse ھالقىلىق سۆزى ئارقىلىق iRightMouse دېتالىنى ئىزدەپ تىپىپ قاچىلىساقلا بولىدۇ.ئالما ئەپ بازىرىنى زىيارەت قىلىش قولايسىز ياكى تور سۈرئىتى ئاستا ئەھۋال ئاستىدا iRightMouse ئورگان تور بېتى https://www.better365.cn دىن قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قوش چېكىپ قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلساق بولىدۇ.


قاچىلىغاندىن كىيىن سىستېما تەڭشىكى-كىڭەيتمە ئىقتىدارغا كىرىپ iRightMouse قا ھوقۇق بېرىمىز.


ھوقۇق بەرگەندىن كىيىن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكا تېزىملىكىگە قاراپ باقساق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرىمىز.كىڭەيتىلمە تېزىملىكتە ھۆججەت مەشخۇلاتلىرى تېخىمۇ قولايلاشقان. كۆچۈرۈش،يۆتكەش مەشخۇلاتلىرى تېخىمۇ كۈچ بەرگەن بولۇپ كىتىدۇ.


/uploads/image/2020/06/09/d0cdc1206c0d560f7bb8213cba004474.jpeg

ئەلۋەتتە ئوڭ كۇنۇپكا تېزىملىكى ئىقتىدارلىرىنى iRightMouse تەڭشەك مەركىزىدىن ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرىشى بويىچە تەڭشەشكە بولىدۇ.


/uploads/image/2020/06/09/d4e2d00785fdfed64529fc6b53ca2002.jpeg

بۇلارلا ئەمەس iRightMouse نىڭ ئىقتىدارلىرى خىلى كۆپ. دائىملىق ئىشلىتىدىغان ھۆججەتلىرىم، كومپىيوتېرنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى خەتنى تاللاپ تۇرۇپ ئوڭ كۇنۇپكىدىن بەيدۇ،گوگىللارغا تەرجىمە قىلدۇرۇش قاتارلىق قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرى مەك سىستېمىڭىزنىڭ سۆلىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

قالغان ئىقتىدارلار مەك سىستېمىسى ئىشلەتكۈچى ۋە ھەۋەسكار تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ قول سىلىپ سىناپ بىقىشىغا قالدى. بەلكىم ئوخشاش تۈردىكى دېتاللاردىن iRightMouse دىن نوچىسى بولىشى مومكىن. تەجىرىبىسى بارلار قېنى ئىنكاس رايونىدا بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىلەر.