MySql ئاتىسى Monty ۋە ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى

فىنلاندىيەلىك پىروگراممېر Monty نىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ئايرىم-ئايرىم My، Max ۋە Maria ئىدى. بۇ ئۈچ پەرزەنىت بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك بالىلار بولىشى مومكىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىسمى دۇنياغا داڭلىق ئۈچ چوڭ ساندان سىستېمىسى (MySQL، MaxDB، MariaDB) نىڭ ئىسمى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى بىر ئۆمۈر كىشىلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىدۇ.


بۇ ئۇلۇغ ئاتا دەل دۇنياغا داڭلىق ساندان سىستېمىسى MySQL ئاتىسى Michael Widenius بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى Monty دەپ ئاتىشاتتى. بۈگۈن بىز Monty ۋە ئۇ ئىجاد قىلغان MySQL ھەققىدىكى ھىكايە بىلەن تونۇشۇپ باقايلى. 

تالانتلىق پىروگرامما تۈزگۈچى

Monty ئەپەندى 1962-يىلى فىنلاندىيەنىڭ خېلسىنكىدا تۇغۇلغان. 1978-يىلى 16 ياشلىق Monty شۇ ۋاقىتتىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ABC80 كومپىيۇتېرى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ كومپىيۇتېرنىڭ CPU پەقەت 4M Hz، ئىچكى ساقلىغۇچى 8K بولسىمۇ، لىكىن كىچىكىدىن ھىسابلىغۇچ ئويناپ چوڭ بولغان Monty غا نىسبەتەن ھەقىيقى مەنىدىكى كومپىيوتېر ئىدى.

Monty نىڭ بۇ كومپىيۇتېرغا ئوتتەك ئىشتىياقى قوزغالغان بولۇپ، ئۇ ئىقتىسادچانلىق بىلەن پۇل تىجەپ ۋە سىرتتىن قوشۇمچە ئىش تىپىپ ئىشلەپ پۇل يىغىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ يىغقان پۇللىرى تولىمۇ ئاز ئ‍ىدى. كىيىن Monty نىڭ دادىسى كۆپ قىسىم پۇلىنى چىقىرىپ، Monty ئۈچۈن ABC80 كومپىيۇتېرىن سېتىۋىلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Monty كىچە-كۈندۈز ABC80 كومپىيۇتېرى بىلەنلا يۈرۈيدۇ.


Monty كەم ئۇچرايدىغان تالانتلىق پىروگرامما تۈزگۈچى بولۇپ، باشقىلارغا قىيىن تۇيۇلغان مەسىلىلەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاسانلا تۇيۇلاتتى. پىروگرامما تۈزۈش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھىكايە ئوقۇغاندەك ياكى قىززىقارلىق ئويۇن ئوينىغاندەك بىلىنەتتى.

ئەينى ۋاقىتتا ABC80 كومپىيۇتېرىدا تېخى تۈززۈك يۇمشاق دېتال بولمىغاچ، زېرىكىپ كەتكەن Monty ئويۇنچۇق ماشىنىسىدا ئوينايدىغان بىر قانچە ئويۇننى ABC80 كومپىيۇتېرىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىپ چىقىدۇ. مۇئەييەن مەنىدىن قارىغاندا، ئويۇن ۋە ئويۇن ئويناش ھەقىيقەتەن پىروگرامما تۈزگۈچىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ قالتىس ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى دىيىشكە بولاتتى.

ئىككى يىلدىن كىيىن Monty ئۆزىنىڭ ABC80 كومپىيۇتېرىنى ABC800 كومپىيۇتېرىغا يېڭىلىدى. بۇ چاغدىكى Monty بۇرۇنقىدەك ئويۇنچىBoy ئەمەس ئىدى، ئۇ ھەقىيقى مەنىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىشقا كىرىشكەن ئىدى. مەسىلەن: سۆز بىر تەرەپ قىلغۇچ، قاتتىق دىسكا كونتروللىغۇچ، ماگنىتلىق لېنتا زاپاسلىغۇچ قاتارلىقلار.

كىيىن Monty بىر قېتىملىق نۇتۇقتا مۇنداق دىگەن : «ئۇ ھەقىيقەتەن گۈزەل چاغلار ئىدى، سىز كومپىيۇتېر ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، كومپىيۇتېر تۆۋەن قاتلىمى، قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللىرىغا ئائىت كۆپ تەرەپلىمە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىڭىز كىرەك، لىكىن ھازىرقى زامان پىروگراممېرلىرىغا نىسبەتەن بۇنداق پۇرسەت يوق دىيەرلىك».


ئەينى ۋاقىتتا، ABC كومپىيۇتېرىنى فىنلاندىيە ئىشلەپچىقىراتتى. مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلىرىمۇ پەقەت فىنلاندىيەدىلا بار ئىدى. Monty دائىم كېمىگە ئولتۇرۇپ فىنلاندىيەگە بېرىپ زاپچاس سېتىۋالاتتى. ئۇ بىر قېتىم فىنلاندىيە سەپىرىدە Allan Larsson بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. Allan نىڭ بىر ئېغىز كومپىيۇتېر زاپچاسلىرى دۇكىنى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا TcX دەپ ئاتىلىدىغان مەسلىھەت بېرىش شىركىتىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىككەيلەن بارا-بارا سىرداش دوسىتلاردىن بولۇپ كەتتى.

كىيىن Monty نىڭ تالانتلىق پىروگراممېر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان Allan ئۇنىڭغا بىر ساندان پىروگراممىسىنى بېرىپ، مۇشۇ پىروگرامما ئاساسىدا خېرىدارنىڭ تەلىپىگە لايىق يۇمشاق دېتال ياساپ بېقىشنى ئىيتىدۇ. Monty بۇ پىروگراممىنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن، پىروگراممىنىڭ ناھايتىمۇ ئەخلەت يېزىلغانلىقى، كىڭەيتىش ۋە ئاسراشقا تولىمۇ ئەپسىزلىكىنى بايقاپ، بىراقلا قايتا يېزىش قارارىغا كىلىدۇ.

چوڭ كالاملار مۇشۇنداق ئاقسا ...

Unireg نى ئىجاد قىلىش

Monty ئاخىرى بۇ ساندان پىروگراممىسىنى قايتا يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا Unireg دەپ نام بېرىدۇ. ئۇ دەسلەپتە Basic تىلىدا ABC800 كومپىيۇتېرىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىپ چىققان ئىدى. كىيىن 1983-يىلى ئۇ C تىلىدا يەنە بىر قېتىم قايتا يېزىپ ئەلالاشتۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ Unireg يۇمشاق دېتالى 2M دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچى بار ھەر قانداق كومپىيۇتېردا نورمال خىزمەت قىلالايتتى.

بۇ دەل Unireg نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىدى. قارىماققا سەترەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئىشلەتكۈچى ناھايتى ئاسانلا ساندان قۇرۇش، يېڭىلاش ۋە جەدۋەل ھاسىللاپ چىقىرىش مەشخۇلاتلىرىنى تاماملىيالايتتى. Allan ۋە Monty بۇ سەت ساندان يۇمشاق دېتالىنىڭ كىيىنچە تەرەققىي قىلىپ، دۇنياغا داڭلىق ساندان يۇمشاق دېتالى MySQL غا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

ساندان يۇمشاق دېتالىغا ئىگە بولغاندىن كىيىن Allan تېخىمۇ كۆپ تۈر قوبۇل قىلدى. Monty بولسا TcX شىركىتىنىڭ بىردىنبىر پىروگراممېرى بولۇپ، خېرىدارنىڭ تۈرىلىرىنى تاماملاش بىلەن كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا Unireg نى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئاجراتتى.


1985-يىلى، Monty ۋە Allan بىرلىشىپ TCX DataKonsult AB نامىدا شىركەت قۇرۇپ، مەخسۇس ساندان ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار Unireg دېتالىنى Sun سۇپىسىغا كۆچۈرۈپ كىلىپ، بۇ ۋاقىتتا Unireg مىليون قۇر دەرىجىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىدى.

مۇشۇ مەزگىللەردە Monty يەنە David Axmark بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇلار دائىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشىپ، ھەتتا يېرىم كېچىلەرگىچە تېلىفۇنلىشاتتى. David ئەركىن يۇمشاق دېتالنىڭ كۈچلۈك پىنتوزىسى بولۇپ، ئۇ كېيىنكى MySQL نىڭ ئوچۇق كودلۇق مودىلى ۋە پايدا ئېلىش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن Monty، Allan ۋە David دىن ئىبارەت ئۈچ كىشىلىك كاتتىباش شەكىللەنگەن ئىدى.

MySQL نىڭ دۇنياغا كىلىشى

Monty ۋە Allan ئىككەيلەن Unireg يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق قانچىلىك پۇل تاپقىنى بىزگە نامەلۇم، لىكىن ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ ئەھۋالى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. ناۋادا مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا، MySQL نىڭ دۇنياغا كىلىشىمۇ ناتايىن ئىدى.

90-يىللار ئوتتۇرا ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئىنتېرنېت تورى Monty غا غايەت زور خىرىس ئىلىپ كەلدى، بۇ ھەم شۇنداقلا غايەت زور پۇرسەت ئىدى. 1994-يىلى، خېرىدار Monty دىن Unireg ئاساسىدا Web بەت يۈزى پىروگراممىسى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا Unireg نىڭ لەيىھەلىنىش ئەندىزىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەر روشەن نامايەن بولدى. Unireg دېتالى SQL قوللىمايدىغان بولۇپ، Web بەت يۈزى بىلەن توپلاشتۇرۇش ئاساسەن مومكىن ئەمەس ئىدى.

ياكى ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتال لايىھەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئارقىدا قىلىش، ياكى ئاكتىپلىق بىلەن Web كە يۈزلىنىش. Monty ۋە ئۇلارنىڭ شىركىتى تۆت كوچا ئېغىزغا  كىلىپ قالغان ئىدى.


بۇ ۋاقىتتا Monty ئوچۇق كودلۇق miniSQL (قىسقارتىلىپ mSQL دەپ ئاتىلىدۇ) نى بايقىدى. Monty بىر مەزگىل تەتقىق قىلىشتىن كىيىن، mSQL نىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى-ئىندۇكىس (索引) قوللىمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئاندىن ئۇ mSQL ئاپتورى بىلەن ئالاقىلىشىپ، mSQL دا Unireg نىڭ ئىندۇكىسىنى ئىشلىتىشكە بولۇش-بولماسلىقىنى سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا mSQL ئاپتورى 2.0 نەشىرىنى يېزىۋاتقان بولۇپ، يېڭى نەشىرىدە ئىندۇكىس قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، Monty نىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Monty قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، ئۆزىىڭ مۇستەققىل ساندانىنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كىلىدۇ.

بىر يىلدىن كىيىن، 1995-يىلى 1-ئايدا، SQL ئېغىزى، ئىندۇكىس قوللايدىغان C/S قۇرۇلمىسىدىكى MySQL 1.0 دۇنياغا كەلدى. MySQL دىكى My سۆزى Monty نىڭ چوڭ قىزى My نىڭ ئىسمى ئىدى. بۇ چاغدا David شىركەتكە MySQL نى ئوچۇق كودلۇق قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ. لىكىن ئوچۇق كودلۇق قىلغاندىن كىيىن قانداق پۇل تىپىش مەسىلىسى كىلىپ چىقىدۇ. بۇ مەسىلىگە قارىتا David يەنە «قوش ئىىجازەت بېرىش» ئىددىيىسىنى ئويلاپ چىقىدۇ.

يەنى، ئىشلەتكۈچىلەر MySQL نى ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتالىدا MySQL نى ئىشلەتكەن، ھەم بۇ يۇمشاق دېتالى سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىلسە، خاپولمايسىز، MySQL ئورگان تەرەپتىن سودا ئىجازەتنامىسى سېتىۋالىسىز. بۇ ئەندىزىدە MySQL نىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كىڭەيتىش بىلەن بىرگە يەنە ئىقتىسادىي كىرىم قىلغىلى بولاتتى.

15 مىنۇت ۋە 30 مىڭ ئىلخەت

MySQL نى تولىمۇ تەلەيلىك دىيىشكە بولاتتى. ئۇ ئۇ ئىنتېرنېت تورىنىڭ شامال ئېغىزىدا بارلىققا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا Web تور بىكەتلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك گۈللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر بىر تور بىكەت بىر ھەقسىز سانلىق-مەلۇمات ئامبىرىغا مۇھتاج ئىدى. MySQL دەل بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى.

شۇ ۋاقىتلاردىكى Web تور بىكەتلىرى قۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مودا پىروگرامما تىللىرىدىن PHP ۋە Perl لارمۇ MySQL نىڭ تەشۋىقاتىنى ھەقسىز قىلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەقسىز MySQL ساندانى Web پىروگراممىلىرىدىكى مۇھىم تەركىبى قىسىم بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا Apache ۋە Linux قوشۇلۇپ داڭلىق LAMP ئىكولوگىيىسى شەكىللەندى.

كىيىن Monty ۋە David يېڭى بىر نىشان بىكىتتى. يەنى، ئىشلەتكۈچى MySQL نى چۈشۈرۈپ 15 مىنۇت ئىچىدە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش. ھازىرغا نىسبەتەن بىر يۇمشاق دېتالنى 15 مىنۇت قاچىلاش قوبۇل قىلغۇسىز ئىش بولغان بىلەن، ئەينى يىللاردا يۇمشاق دېتاللار ئەسلى كود ئارقىلىق قاچىلىنىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر باسقۇچتا مەسىلە چىقسا بىرەر كۈن ئاۋارە بولىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايتتى.

بۇ 15 مىنۇتلۇق نىشانغا يىتىش ئۈچۈن Monty كۆپ تېرىشچانلىك كۆرسەتتى. ئۇ 10 نەچچە خىل مەشخۇلات سىستېمىسىدا MySQL نىڭ ئوخشىمىغان نەشىرلىرىنى قاچىلاشنى تەجىرىبە تەتتقىق قىلىپ چىقتى. Monty ئىشلەتكۈچىلەرگە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان ئىدى. ئۇ MySQL دۇنياغا كەلگەن 5 يىل ئىچىدە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىلخېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەق قىلىشقا ياردەم بەرگەن ئىدى.

David مۇ بىكار تۇرماي، تەرەپمۇ-تەرەپ چېپىپ يۈرۈپ، ھەرخىل ئۇچرىشىشلار، يېغىنلارغا قاتنىشىپ MySQL نى تەشۋىق قىلىپ بازار ئاچتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئايروپىلاندا ئولتۇرغان ۋاقتى ئۆيىدە تۇرغان ۋاقتىدىمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

50 مىليون دوللار

1999-يىللىرىغا كەلگەندە MySQL نامى كەڭ تارقىلىپ، كۆپلىگەن بايلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھەتتا بەزىلەر 50 مىليون دوللار قىممىتىدە MySQL نى سېتىۋىلىش تەكلىپى قويدى. بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەندە، MySQL نى بۇنچىۋالا كۆپ پۇلغا سېتىپلاۋىتىپ، داڭلىق پۇلدارغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ھەشەم تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولاتتى.

لىكىن Monty بۇنداق بولىشىنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاز-تولا ئىش قىلىپ، دۇنيانى ئۆزگەرتكۈسى بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىگە بولغان كونتىروللۇق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇشنى خالىمايتتى، شۇڭا ئۇ 50 مىليون دوللارلىق سېتىۋىلىش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، MySQL بارغانسىرى چوڭايدى. ئەسلىدىكى 3 كىشىلىك باشقۇرۇش ئەترىتىدىن 15 كىشىگە كۆپەيدى. خېرىدارلارمۇ نەچچە ھەسسە كۆپەيدى. MySQL شىركىتى تېخىمۇ كۆپ تېخنىك خادىملارنى قوبۇل قىلىپ، تېخنىكىلىق قوللاش، ئارخىپ يېزىش، تەشۋىق قىلىش خىزمەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ مەزگىللەردە بازاردا PostgresSQL قاتارلىق رىقابەتداشلار پەيدا بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر MySQL يەنە مەبلەغ كىرگۈزمەي ئەسلىدىكى ئاستا-ئاستا كىرىۋاتقان كىرىم مەنبەسىگە تايانغاندا، ھامىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىپ كىتىش خىرىسىغا دۇچ كەلدى.

2001-يىلى ئۇلار Mårten Mickos نى MySQL CEO  لىققا تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن سۆزلەشتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار پەقەت %10 پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىپ، تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىشتىن 4 مىليون ياۋرو A قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئېرىشتى، لىكىن MySQL ئەمەلىي كونترول قىلىش ھوقۇقى يەنىلا Monty نىڭ قولىدا ئىدى.

شۇنىڭدىن كىيىن MySQL تىز تەرەققىي قىلىش رېلىسىغا كىردى. 2003-يىلىغا كەلگەندە MySQL قاچىلىنىش قېتىم سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ 4 مىليون قېتىمغا يىتىپ، بىراقلا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئوچۇق كودلۇق ساندان بولۇپ قالدى. بۇ يىلى MySQL يەنە 19.5 مىليون دوللارلىق B قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئېرىشتى.

Oracle بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى

ئەينى يىللاردا Oracle سانلىق-مەلۇمات ئامبىرى ساھەسىنىڭ مۇتلەق غوجا ئاكىسى بولۇپ، كارخانا دەرىجىلىك سانلىق-مەلۇمات ئامبىرى بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. لىكىن Web ساھەسىدە ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز MySQL غا تەڭ كىلەلمەيتتى.

ئەينى ۋاقىتتا Google, Facebook, Snapchat, Quora, Dropbox ,Youtube , Twitter قاتارلىق IT ماگىناتلىرىمۇ Oracle ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار Oracle غا يۇقىرى سوممىلىق ئىجازەت ھەققى تۆلەشنى خالىمايتتى. MySQL ھەقسىز ھەم ئوچۇق كودلۇق بولغاچ، ناۋادا ئۇلار سودىغا ئىشلەتمەكچى بولسا ھەق تۆلىگەن ئەھۋالدىمۇ، ئەسلى كودىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بارالايتتى.

تېخىمۇ يامان بولغىنى، MySQL ساندانى Web ساھەسىدىن بارا-بارا كارخانا دەرىجىلىك ساھەگە كىڭىيىپ، كۆپلىگەن خېرىدارلار Oracle دىن ۋاز كېچىپ MySQL نى تاللاشقا يۈزلەندى. بۇ ئەھۋال Oracle غا نىسبەتەن ئېغىر خىرىس ئىدى. 2006-يىلى ئۇلار MySQL سېتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، لىكىن مەقسىتىگە يىتەلمىدى.

سېتىۋىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن Oracle شىركىتىنىڭ خوجايىنى Larry Ellison تولىمۇ مەغرۇر ھالدا : «MySQL پەقەت كىچىكلا بىر شىركەت، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 40 مىليون ئەتراپىدا. Oracle بولسا چوڭ بىر ماگىنات، بىزنىڭ يىللىق كىرىمىمىز 150 مىليون دوللار. بىز پەقەت قىممىتى بار شىركەتلەرنى سېتىۋالىمىز، MySQL بىزنىڭ تېزىملىكىمىزدە ئەمەس» دىگەن.

لىكىن گەپنى بۇنداق دىگەن بىلەن  Oracle ئىزچىل MySQL نىڭ تېمىنى كولاپ كەلگەن. 2005-يىلى Oracle شىركىتى فىنلاندىيەنىڭ innobase دەپ ئاتىلىدىغان شىركىتىنى سېتىۋالدى. innobase شىركىتى دەل MySQL ئۈچۈن InnoDB ماتورى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت ئىدى. كىيىنكى يىلى Oracle يەنە Sleepycat شىركىتىنى سېتىۋالدى. Sleepycat شىركىتى MySQL ئۈچۈن Berkeley DB ماتورى تەمىنلەيتتى.

MySQL دىن ئايرىلىش

2008-يىلىغا كەلگەندە، يىللىق كىرىمى 75 مىليون دوللارغا يېتىدىغان MySQL يەنە بىر قېتىملىق تاللاشقا دۇچ كەلدى. يەنى، پاينى بازارغا سالامدۇق ياكى نەق پۇلغا ساتامدۇق؟

Mårten Mickos, Monty, David قاتارلىقلار ئۇزاق مەسلىھەتلىشىشتىن كىيىن، MySQL نى Sun شىركىتىگە سېتىپ بېرىشنى تاللىدى. چۈنكى Sun شىركىتى تېخنىكىنى ئاساس قىلغان، ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتالنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاكتىپ شىركەت ئىدى. بۇنداق بولغاندا كىيىنچە MySQL نىڭ يىپىق كودلۇق بولۇپ قىلىشىنىڭ ئىھتىماللىقى تۆۋەن بولاتتى.

2008-يىلى 1-ئايدا MySQL 1 مىليارد دوللار باھادا Sun شىركىتىگە سېتىپ بېرىلدى. Monty بىر يۇقىرى سوممىلىق كىرىم بىلەن بىراقلا فىنلاندىيەدىكى ئالدىنقى 10 باينىڭ بىرسى بولۇپ قالدى. لىكىن قىسقىغىنە بىر يىلدىن كىيىن، Monty نىڭ ئىچىنى تولىمۇ ئاچچىق قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. Sun شىركىتى Oracle تەرىپىدىن سېتىۋىلىندى. MySQL ئاخىرى يەنىلا Oracle نىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمىغان ئىدى. MySQL نىڭ كەلگۈسىنى قاراڭغۇلۇق باسقان ئىدى.

Monty ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى Oracle نىڭ MySQL غا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇلار MySQL نىڭ مەڭگۈ ئوچۇق كودلۇق، مەڭگۈ ھەقسىز بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. 2009-يىلى Monty ۋە MySQL يادرۇلۇق ئاچقۇچىلىرى MySQL شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، MySQL نىڭ يېڭى بىر تارمىقى MariaDB نى قۇردى. MariaDB دىكى Maria سۆزى Monty نىڭ كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى ئىدى. MariaDB پۈتۈنلەي MySQL غا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن MySQL ئاتىسى MySQL دىن ئايرىلدى.

2009-يىلى 47 ياشقا كىرگەن Monty ئەپەندى MariaDB فوندىنى قۇرۇپ چىقتى. 2020-يىلى 58 ياشقا كىرگەن Monty يەنىلا MariaDB ئۈچۈن تەر تۆكمەكتە ئىدى. Monty نىڭ ئوچۇق كودلۇق ساندان رىۋايىتى داۋاملاشماقتا ئىدى.