تېخنىكا ھەپتىلىكى 111-سان

مۇقاۋا رەسىم

چوڭ چىشلىق كەركىدان 16مىليون يىل ئىلگىرى يوقالغان كەركىدان تۈرى بولۇپ ئېگىزلىكى 2مېتىر،ئۇزۇنلۇقى 5مېتىر، مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2مېتىر كىلىدۇ.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىۋېزور

ھازىر دۆلەت ئىچىدە ئىشلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىۋېزورلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى مەشخۇلات سىستېمىسىنى بىللە ئىلىپ يۈرۈيدۇ. تېلىۋېزورلار قوزغالغاندىن كىيىن ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتنىڭ مەخسۇس تەمىنلىگەن بىۋاستە كۆرسىتىش،توردا كىنپ كۆرۈش،ئويۇن ئويناش،ئەپ بازىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە جەملىگەن مەشخۇلات سىستېمىسى قوزغىلىدۇ.مەلۇم جەھەتتىن قارىساق بۇ خىل ئەندىزە تازا ياخشى ئەمەس.


نېمىشقا دىگەندە ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىۋېزور كەمىدە 10 يىل ئىشلىتىشكەبولىدۇ.لىكىن تېلىۋېزور ئىچىگە قاچىلانغان مەشخۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشى تازا مومكىن ئەمەس. تېلىۋېزور ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرمۇ مەھسۇلات تەننەرخىنى تىجەش ئۈچۈن تېلىۋېزورغا ئىشلىتىدىغان CPU،ئىچكى ساقلىغۇچ،ساقلاش كارتىسى قاتارلىق زاپچاسلارغا بەك ياخشىلىرىنى ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ.تېلىۋېزورغا قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ساقلاش بوشلۇقى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.


تەۋسىيەلىك ئەندىزە تېلىۋېزور ۋە مەشخۇلات سىستېمىسىنى ئىككى قاتتىق دېتالغا ئايرىش.تېلىۋېزور پەقەت كۆرسەتكۈچ رولىنى ئۆتىسە،مەشخۇلات سىستېمىسىنى تېلىۋېزور قۇتىسى(机顶盒)غا قاچىلاش.لىكىن بۇ ئەندىزىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىشى بىز ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەس.تېلىۋېزور ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئۆزىىڭ مەشخۇلات سىتېمىسىدا تېلىۋېزور قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى ئېلان ئورنىدىن كىلىدىغان كىرىمدىن ئاسانلىقچە ۋاز كىچەلمەيدۇ.ھەم ئۆزىنىڭ قاتتىق ئۈسكىنىسىدە باشقىلارنىڭ مەشخۇلات سىستېمىسىنى قوللاشنى تازا خالاپ كەتمەيدۇ.

ئەنگىلىيە كۆمۈر يىقىلغۇسى بىلەن خوشلاشتى

يۇقۇم مەزگىلىدە توك ئىشلىتىش ئىھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك ئەنگىلىيە ئىككى ئايدىن بۇيان كۆمۈر يىقىلغۇلۇق ئېلىكتېر ئىستانسىلىرىنى توختاتقان.بۇ ئەھۋال ئەنگىلىيىدىكى سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم  كۆمۈر يىقىلغۇلۇق ئېلىكتېر ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتتتىن توختىشى ئىدى.

ئون يىل ئىلگىرى،ئەنگىلىيەنىڭ %40تىن ئارتۇق توكى كۆمۈر يىقىلغۇلۇق ئېلىكتېر ئىستانسىسىدىن تارقىتىلاتتى.ھازىر ئەنگىلىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى دېڭىز ئۈستى شامال كۈچى ئېلىكتېر ئىستانسىسى قۇرۇلىشىغا ئىگە بولۇپ،پۈتۈن ئەنگىلىيەنىڭ %5توكى دېڭىز ئۈستى شامال كۈچىدىن كىلىدۇ.

ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى

بېرما مائارىپ مېنىستىرلىقى جۇڭگودىن 365مىڭ تاشلىتىلگەن ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت سېتىۋىلىپ قايىتىدىن رېمونت قىلغاندىن كىيىن قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن.ئۆتكەن نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت ساھەسىدىكى ناتوغرا رىقابەت جەريانىدا نەچچە ئون خىل ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت تۈرى بارلىققا كىلىپ ئاخرىدا نەچچە مىليونلىغان ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتنىڭ ئىسراپ بولىشى ۋە نابۇت بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بىرما ھۆكىمىتى ھەر بىر ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتىنى 35يۈەندىن سېتىۋىلىپ قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ «ئەخلەت»لىرىنى تازىلاشقا ياردەم بەرگەن.

راست-يالغان تىرامپ

يېقىندا بىر تورداش مۇنداق قىززىقارلىق تەجىرىبە ئىشلىگەن. بۇ تورداش تىۋىتتېردا يېڭىدىن ئاكونت تېزىملىتىپ ئاكونىت نامى ۋە بارلىق ئۇچۇرلارغا تىرامپنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش قىلىپ تولدۇرغان.ئاندىن يەنە تىرامپ تىۋىتتېرغا نىمە يوللىسا بۇ تورداشمۇ ئاكونتىغا ئۆز ئەينى يوللىغان.نەتىجىدە ئۈچ كۈندىن كىيىن تىۋىتتېردا ئورگان تەرەپ بۇ ئاكونىتقا دىققەت قىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ ئاكونتنى 12سائەت چەكلەپ قويغان.سەۋەبى «بۇ ئاكونتتا يوللانغان مەزمۇنلار چەكلەنگەن مەزمۇنلار دائىرىسىگە كىرىدۇ» دىيىلگەن. بۇ تورداشمۇ بوش كەلمەي ئورگان تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ «ئوخشاش گەپنى تىرامپ دىسە بولىدىكەن،بىز ئادەتتىكى ئادەملەر دىسەك بولامدىكەن» دىگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي  تىۋىتتېردا ئورگان تەرەپ بۇ ئاكونتنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ چەكلەپ قويۇش قىلمىشىنى «سىستېمىنىڭ خاتالىقى»دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

ئاپېلىسىن پوستىنىڭ رولى

16يىل ئىلگىرى ئامىرىكىلىق ئېكولوگلار كوستارىكا دۆلەت باغچىسىدا مۇنداق بىر تەجىرىبە ئىشلىگەن.ئۇلار توپتوغرا 1000 قېتىمدا 12مىڭ توننا ئاپېلىسىن پوستىنى باغچىغا يۆتكەپ كىلىپ قاقاس يەرگە تۆكىۋەتكەن.

16يىلدىن كىيىن ئالىملار قايتىدىن بۇ يەرنى زىيارەت قىلغاندا بۇ يەر ئاللىبۇرۇن بۈك-باراقسان ئورمانلىققا ئ‍ايلانغان بولۇپ يېنىدىكى ئەسلىدىكى يېشىللىق بىلەن روشەن سىلىشتۇرما بولۇپ قالغان. يېڭىدىن بەرپا بولغان ئورمانلىقنىڭ ياغاچ مىقدارى ئەسلىدىكىدىن %176ئاشقان.ئالىملار بۇنىڭدىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قالدۇقلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئىلھاملارغا ئېرىشكەن.


ياشقا ئەڭ چوڭ ئويۇن ئوينىغۇچى Youtuber

ياپۇنىيىلىك 90ياشلىق ئايال Hamako Mori ھەممە ئورتاق ئىتراپ قىلغان يېشى ئەڭ چوڭ ئويۇن ئوينىغىچىدۇر.Hamako Mori ھەر كۈنى كەم دىگەندە 3سائەت ئويۇن ئوينايدىكەن. يەنە تېخى Youtube دا مەخسۇس قانال ئاچقان بولۇپ 300مىڭ مۇشتەرى ئابونىتتى بار ئىكەن.

Hamako Moriنىڭ ئىيتىشىچە ئۇ 40 يېشى يەنى 1981-يىلدىن باشلاپ ئويۇن ئويناشنى باشلىغان بولۇپ ھازىرغىچە كەم دىگەندە 200خىلدىن ئارتۇق ئويۇن ئويناپ باققان.


Stack Overflow نىڭ 2020 يىللىق ئىستاستىكىسى

Stack Overflow نىڭ 2020 يىللىق ئىستاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ئامرىكىدا مائاشى ئەڭ يۇقىرى پىروگراممېرلار رەت تەرتىپ بويىچە Scala،ئاندىن Go ۋە Objective-C پىروگراممېرلىرى ئىكەن.Rustپىروگرامما تىلى ئۇدا بەش يىل پىروگراممېرلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان پىروگرامما تىلى بولۇپ قالغان.