جوبىسنىڭ ئۆز قولى بىلەن قويغان ئىمزاسىنىڭ قېممىتى قانچىلىك

يېقىندا ئامرىكىدا بىر پارچە جوبىس ئ‍ىمزا قويغان «Macworld» ژورنىلى كىم ئاشتى قىلىنىپ، ئاخىرىدا 47775 دوللار (تەخمىنەن 330 مىڭ يۈەن خەلق پۇل) غا سېتىلدى.

«Macworld» ژۇرنىلى ئامېرىكىدىكى مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان ژۇرنال بولۇپ، 1984-يىلى Macintosh ئېلان قىلىنغان كۈنى تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان. 2014-يىلىغا كەلگەندە بۇ ژورنالنىڭ ئورگان تور بېكىتىلا ساقلىنىپ، قەغەز نۇسخىسى نەشر قىلىنمايدىغان بولغان. بۇ قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغىنى دەل «Macworld» نىڭ تۇنجى سان ژورنال ئىدى.

كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقۇچى تەرەپ RR Auction نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىمزاغا 2006-يىلى نيۇيورك 5-كوچىسىدىكى Apple Store ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئېرىشكەن. شۇ چاغدا، نەق مەيداندا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئەر جوبىسقا ئىمزا قويغۇزماقچى بولىدۇ، جوبىس باشتا بېشىنى چايقاپ رەت قىلىدۇ، ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ئەرنىڭ قولىدىكى ژۇرنالغا ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ جوبىسنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھادىكى ئىمزاسى ئەمەس.

2017-يىلى 9-ئايدا، ئوخشاشلا جوبىسنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان «Newsweek» ژۇرنىلى 50 مىڭ 587 ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 350 مىڭ يۈەن ) لىق باھا بىلەن سېتىلغان. 2018-يىلى 3-ئايدا جوبىس ئۆز قولى بىلەن تولدۇرغان بىر پارچە تەكلىپ قىلىش ئىلتىماس جەدۋىلى سېتىلغان بولۇپ، باھاسى 174 مىڭ 757 ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن ) بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ قىممەت جوبىسنىڭ ئىمزاسى ھىسابلىنىدۇ.


جوبىس ئىمزا قويۇشنى ياقتۇرمايدىغان «غەلىتە ئادەم» دەپ نام چىقارغان. شۇڭا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، يىغىپ ساقلاش ساھەسىدە ئۇنىڭ ئىمزاسى بار نەرسىلەر ئاز ھەم قىممەت بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ ئاخىرقى پۈتۈشۈش باھاسى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغان. 


پوچېركا تەھلىلچىسى Steve Grad ئىلگىرى مۇنداق تەسۋىرلىگەن : جوبىس ئىمزا قويغان نەرسىنى تېپىش «مېكىياننىڭ چىشىنى تاپقانغا ئوخشاش» بولۇپ، تېپىش ھەقىقەتەن بەك تەس. ئىلگىرىكى بەزى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللاردىن قارىغاندا، جوبىستىن ئىبارەت رىۋايەتلىك بۇ شەخىسنىڭ ئىمزاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۈزىڭىزنى قېلىن قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەقىل - پاراسەت ۋە باتۇرلۇقنى تالىشىشىڭىز كېرەك.


بۇ يىل 3-ئايدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان Mac OS X مەشغۇلات قوللانمىسى 2001-يىلى ئالما شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى باش شىتاپنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا جوبىسنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، يۈزىنى قېلىن قىلىپ جوبىسقا چاپلىشىۋېلىپ ئىمزا قويدۇرۋالغان. بۇ مەشخۇلات قوللانمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۈتۈشۈش باھاسى 41806 دوللار ( تەخمىنەن 280 مىڭ يۈەن) بولغان. جوبىس قوللانما ئۈستىگە 「All the best, steven jobs」 دەپ يازغان.

كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان «Newsweek» ژۇرنىلىنىڭ ئەسلىي ئىگىسى Diane Williams نىڭ دىيىشىچە، ئۇ 1988-يىلى جوبىس NeXT كومپيۇتېرنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا جوبىسنى كۆرگەن، شۇ چاغدا جوبىسمۇ ئۇنىڭ ئىمزا قويۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان، لېكىن ۋىليام ۋاز كەچمەي، جوبىسقا يېقىن بېرىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ : «نىمە يېزىشنى بىلمىسىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنى يېزىڭ» دېگەن. جوبىس ۋىليامنىڭ سۆزلىرىدىن كۈلۈپ كىتىپ، ژورنالنىڭ ئوڭ ئاستىغا «مەن نەرسە ياساشنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ يېزىپ بەرگەن.

ئىمزا قويۇشنى ياقتۇرماسلىقنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك،بۇ ھەقتە 2008-يىلى جوبىس مۇنداق توختالغان.


ئەينى يىللاردا بىر ئانا 10 ياشلىق ئوغلى بىلەن بىللە قېتىق دۇكىنىدا جوبىس ۋە «iPod ئاتىسى» Tony Fadell بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، ئۇ بىر پارچە گېزىتنى چىقىرىپ، جوبىسنىڭ WWDC نىڭ ماقالىسىگە ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. جوبىس بۇنى نەچچە قېتىم رەت قىلىپ، ئالمىنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنىڭ كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى، ئىمزا قويۇشنىڭ خۇددى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك بولغانلىقىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ئىيتقان.

لىكىن بۇ ئانا گەپكە ئىنتايىن ئۇستا بولۇپ، ئاخىرى جوبىسنى ئىمزا قويۇپ بېرىشكە قايىل قىلغان. لىكىن جوبىس يېنىدىكى Fadell نىمۇ بىللە ئىمزا قويۇشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ گېزىت بۇ يىل 3-ئايدا 26 مىڭ 950 دوللار ( تەخمىنەن 180 مىڭ يۈەن ) باھا بىلەن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان.


يۇقارقى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان «چولپان قوغلاش» مېساللىرىدىن باشقا، جوبىس ئىمزا قويغان كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان بۇيۇملاردىن يەنە سودا توختامى ياكى ئالمىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھۆججەتلىرىمۇ بار، مەسىلەن ئالمىنىڭ 1982 -يىللىق دوكلاتى ياكى بىر قىسىم ئىجارە توختامى. بۇ ئىجارە توختامىغا ئالمىنىڭ ئۈچ نەپەر قۇرغۇچىسىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكىسى جوبىسنىڭ ئىمزاسى ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەينى چاغدا جوبىس كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان Macintosh ئۈلگە ماشىنىسى كىيىنچە سەنئەت بۇيۇمى قىلىنغان. 1982 يىلىدىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، ئۇ پۈتۈن كوللېكتىپنى بىر ۋاراق قەغەزگە ئىمزا قويۇشقا بۇيرۇغان، كېيىن بارلىق ئىمزالارنى ئەينى ۋاقىتتىكى Macintosh كومپيۇتېرى قېپىغا باسقان.

2012-يىلى بىر تورداش eBay دا نورمال ئاچقىلى بولمايدىغان Macintosh 128k نى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان، دەسلەپكى باشلىنىش باھاسى 99 مىڭ 995 دوللار ( تەخمىنەن 690 مىڭ يۈەن ) بولغان. كومپيوتېر ئاساسىي ساندۇقى ئىچكى دىۋارىدىكى جوبىسنىڭ ئىمزاسى بۇ كومپىيوتېرنىڭ يارقىن نۇقتىسى ئىدى.


كىيىن Autograph Live بىلوگى جوبىسنىڭ «steven jobs» دېگەن ئىمزاسىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىمزادىكى ئىسىمنىڭ باش ھەرىپىنى كىچىك يېزىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقىنى بايقىغان. Autograph Live نىڭ پەرىزىچە، بۇ بەلكىم جوبىسنىڭ «Think Different» تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، جوبىس ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ئىمزا قويۇشنى خالىمايدۇ.

ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتى PSA/DNA نىڭ باش ئانالىزچىسى Kevin Keating نىڭ قارىشىچە، جوبىسنىڭ ئىمزاسىدىكى خەتلەر ئاددىي ھەم چىرايلىق بولۇپ، ئالا-بۇلىماچ ئەگمىلەر يوق ئىكەن، جوبىسنىڭ بۇ ئادىتى ئالما مەھسۇلاتلىرى باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ كەلگەن لايىھە ئۇسلۇبى بىلەن ئىنتايىن بىردەك ئىكەن.

2000-يىلىدىن باشلاپ داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىمزا قويۇش قىممىتىنى ئىز قوغلاش سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر جوبىسنىڭ ئىمزاسى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئىمزاىسىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 40 مىڭ فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 350 مىڭ يۈەن) بولۇپ، ھەر يىلى %27.6 سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتقان ئىكەن. مۇنداقچە ئىيتقاندا، iPhone نىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش، جوبىسنىڭ ئىمزاسىمۇ بارغانسېرى قىممەتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

جوبىس كىيگەن خۇرۇم كىيىم 22 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەن)، جوبىس 18 يېشىدا تولدۇرغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ئىلتىماس جەدۋىلى 175 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن)، جوبىس ئۆزى كەپشەرلىگەن Apple-1 ئاساسىي تاختا 905 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 6 مىليون 250 مىڭ يۈەن)... بۇلار تارىخى سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە دەۋر تۈسىنى ئالغان بۇيۇملار ئىدى.

ئ‍الما مۇتەخەسسىسى Corey Cohen جوبىسنىڭ ئىمزاسىنىڭ قىممىتى ھەققىدە بىر قەدەر نەپىس تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن ئ‍ىدى : «پەن-تېخنىكا چەمبىرىكىدىكى يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،جوبىسنىڭ ئىمزاسى مونالىزانىڭ رەسىمى بىلەن تەڭداشتۇر».