Typora ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب

ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ-كىچىك پىروگرامما، تېخنىكىغا ئائىت تور بىكەتلەر مەزمۇن مەشخۇلاتلرىدا ئاساسەن Markdown تىلىغا يۈزلىنىپ كىتىۋاتىدۇ. چۈنكى Markdown تىلىدا مەزمۇن ئىجادىيەت قىلغۇچى بەت يۈزى كۆركەملەشتۈرۈش، گۈزەللەشتۈرۈش، قۇرۇلما تەڭشەش...قاتارلىق ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم زېھنىنى مەزمۇن سۈپىتىگە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. بۇ يازمىدا Markdown تىلى ھەققىدە كونكىرت توختىلىپ يۈرمەيلى.


Markdown نى ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىق (مەسىلەن ئۇيغۇرچە يېزىق) تا يېزىش بەسى ئاۋارىچىلىك ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. Markdown گەرچە بەت يۈزى تەڭشەش ئىشلىرىدىن ئازاد قىلغان بىلەن، ئۇيغۇرچە يازغاندا Markdown خەتكۈچىلىرى ۋە يېزىق ئارلىشىپ كەلگەندە، يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەھۋالدا قالىمىز.


Typora كۆپلىگەن نادىر Markdown تەھرىرلىگۈچلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئىقتىدارى كۆپ، ئۇسلۇپ كىڭەيتىش، ئۆزگىچە رەسىم مۇلازىمىتېرى تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللىشى بىلەن بارغانسىرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئادەتتە مەنمۇ Markdown يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا Typora نى ئىشلىتىدىغان بولغاچ، يېقىندا Typora ئۈچۈن ئوڭدىن-سولغا باشلىنىغان يېزىقتا Markdown يېزىشنى قوللايدىغان ئۇسلۇبتىن بىرنى ئۆزلەشتۈرۈپ رەتلەپ چىقتىم.


ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كىلىپ، Typora ئىشلەتكۈچىلىرىگە بۇ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنى قانداق قاچىلاشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي. مەزكۇر ئۇسلۇبنى قاچىلاش Typora ئۇسلۇب ئامبىرىدىكى ئۇسلۇبلارنى قاچىلاشقا ئوپمۇ-ئوخشاش.


➊ ئۇسلۇب ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش

 gitee دىكى مەزكۇر تۈرنى يەرلىككە چۈشۈرىمىز. https://gitee.com/stilly/typora-rtl-theme


➋ ئۇسلۇب قاچىلاش 

Typora تەڭشەك مەركىزىدىن كۆرۈنمە يۈز - ئۇسلۇب ھۆججەت خالتىسى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئۇسلۇب ھۆججەت خالتىسىغا كىرىمىز. بايام چۈشۈرگەن ئ‍ۇيغۇرچە ئۇسلۇب ھۆججىتىنى themes مۇندەرىجىسىگە قويىمىز.

ئاندىن Typora نى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن، تېزىملىق ئىستونىدىن ئۇسلۇب تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبنىڭ كۈندۈزلۈك ئۇسلۇبى ۋە كېچىلىك ئۇسلۇب تاللىشى پەيدا بولىدۇ، ياقتۇرغان ئۇسلۇبنى تاللىساقلا ئۇيغۇرچە Markdown يېزىقچىلىق ئىشلىرىمىز يورۇق دۇنياغا قەدەم قويدى دىگەن گەپ.


قاچىلىغاندىن كېيىنكى ئۈنۈم

بۇ ئۇسلۇب توردىكى ئوڭدىن-سولغا يېزىقنى قوللايدىغان ئۇسلۇب ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ تەڭشەلگەن بولغاچ، مۇئەييەن يىتەرسىزلىكلەردىن خالىي بولماسلىقى مومكىن. Typora ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇسلۇبنى سىناپ بىقىشى ۋە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. ئاخىرىدا تېخنىكىلىق يازما ياكى كىتاب يازغۇچى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ Markdown تىلىنى ئالدىن ئويلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

Typora ئورگان تورى https://typora.io

ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب تۈر ئامبىرى https://gitee.com/stilly/typora-rtl-theme